Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 88

زەبۇر 88:3-9

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3چۈنكى دەردلەردىن جېنىم تويغان، ھاياتىم تەھتىساراغا يېقىنلاشقان،
4ھاڭغا چۈشۈۋاتقانلار قاتارىدا ھېسابلىنىمەن؛ كۈچ‫‪‎-‎‬‬مادارى قۇرۇغان ئادەمدەك بولۇپ قالدىم.
5ئۆلۈكلەر ئارىسىغا تاشلانغانمەن، قىرىلىپ قەبرىدە ياتقانلاردەك؛ سەن ئۇلارنى يەنە ئەسلىمەيسەن، ئۇلار قولۇڭدىن ئۈزۈپ ئېلىنىپ يىراق قىلىنغان.
6سەن مېنى ھاڭنىڭ ئەڭ تېگىگە، زۇلمەتلىك جايلارغا، دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە چۆمدۈردۈڭ.
7قەھرىڭ ئۈستۈمگە ئېغىر يۈكتەك باستى، بارلىق دولقۇنلىرىڭ بىلەن مېنى قىينىدىڭ.
8مەندىن دوست‫‪‎-‎‬‬بۇرادەرلىرىمنى يىراقلاشتۇردۇڭ؛ ئۇلارنى مەندىن يىرگەندۈردۈڭ؛ مەن قامالغانمەن، ھېچ چىقالمايمەن.
9كۆزلىرىم ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەتتىن خىرەلەشتى؛ ھەر كۈنى ساڭا نىدا قىلىمەن، ئى پەرۋەردىگار، قوللىرىمنى ساڭا كۆتۈرۈپ كەلدىم.

Read زەبۇر 88زەبۇر 88
Compare زەبۇر 88:3-9زەبۇر 88:3-9