15ياشلىقىمدىن تارتىپ مەن ئېزىلگەن، بىماردۇرمەن؛ ۋەھشەتلىرىڭنى كۆرۈۋېرىپ ھېچ ھالىم قالمىدى.
16قەھرىڭ ئۈستۈمدىن ئۆتتى؛ ۋەھىمىلىرىڭ مېنى نابۇت قىلدى.
17ئۇلار كۈن بويى تاشقىن سۇلىرىدەك مېنى ئوراۋالدى، تامامەن مېنى چۆمدۈردى.
18جان دوستلىرىمنى، ئاغىنىلىرىمنى مېنىڭدىن يىراقلاشتۇردۇڭ، مېنىڭ ئەزىز دوستۇم بولسا قاراڭغۇلۇقتۇر!