13بىراق مەن بولسام، پەرۋەردىگار، ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، تاڭ سەھەردە دۇئايىم ئالدىڭغا كىرىدۇ.
14ئى پەرۋەردىگار، نېمىگە جېنىمنى تاشلىۋەتتىڭ؟ نېمىگە جامالىڭنى مەندىن يوشۇردۇڭ؟
15ياشلىقىمدىن تارتىپ مەن ئېزىلگەن، بىماردۇرمەن؛ ۋەھشەتلىرىڭنى كۆرۈۋېرىپ ھېچ ھالىم قالمىدى.