Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 86

زەبۇر 86:3-9

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3ماڭا مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، ئى رەب، چۈنكى مەن كۈن بويى ساڭا نىدا قىلىمەن.
4قۇلۇڭنىڭ جېنىنى شاد قىلغىن، چۈنكى جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛
5چۈنكى سەن رەب، مېھرىبان، كەچۈرۈمچان سەن! ئۆزەڭگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە زور مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىدۇرسەن!
6مېنىڭ دۇئايىمغا قۇلاق سالغىن، ئى پەرۋەردىگار، يېلىنىشلىرىمنىڭ ساداسىنى ئاڭلىغايسەن؛
7بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، مەن ساڭا ئىلتىجا قىلىمەن، چۈنكى سەن ماڭا جاۋاب بېرىسەن.
8ئىلاھلار ئارىسىدا سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر، ئى رەب؛ قىلغان ئىشلىرىڭنىڭمۇ تەڭدىشى يوقتۇر.  
9سەن ياراتقان بارلىق ئەللەر كېلىپ سېنىڭ ئالدىڭدا سەجدە قىلىدۇ، ئى رەب، نامىڭنى ئۇلۇغلايدۇ.

Read زەبۇر 86زەبۇر 86
Compare زەبۇر 86:3-9زەبۇر 86:3-9