14ئى خۇدا، تەكەببۇرلار ماڭا قارشى كۆتۈرۈلدى، ئەشەددىيلەرنىڭ جامائىتى جېنىمنى ئىزدىمەكتە، ئۇلار سېنى نەزىرىگە ئالمەيدۇ!
15ئەمما سەن، رەب، رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك ئىلاھسەن، ئاسانلىقچە ئاچچىقلانمايسەن، مېھىر-مۇھەببەت ھەم ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تېشىپ تۇرىدۇ.
16مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ، شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ ئۆز قۇلۇڭغا كۈچۈڭنى بەرگەيسەن، دېدىكىڭنىڭ ئوغلىنى قۇتقۇزغايسەن!