4سېنىڭ ئۆيۈڭدە تۇرۇۋاتقانلار بەختلىكتۇر! ئۇلار ئۈزلۈكسىز سېنى مەدھىيىلەيدۇ. سېلاھ.
5كۈچ-قۇدرىتى سەندىن بولغان كىشى بەختلىكتۇر ــ قەلبىدە كۆتۈرۈلمە يوللار بولغانلار؛
6يىغا ۋادىسىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار ئۇنى بۇلاقلىققا ئايلاندۇرار؛ بەرھەق، كۈز يامغۇرلىرى ئۇنى بەرىكەتلەرگە تولدۇرىدۇ.
7ئۇلار كۈچىگە-كۈچ ئۇلاپ مېڭىۋېرىدۇ؛ ھەربىرى زىئونغا يېتىپ كېلىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولىدۇ.
8ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى، قۇلاق سالغايسەن! سېلاھ.
9قارا، ئى قالقىنىمىز بولغان خۇدا، ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىگە ئىلتىپات بىلەن قارىغىن!