Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 83

زەبۇر 83:8-17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
8ئاسۇرىيەمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى؛ ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا يار‫‪‎-‎‬‬يۆلەك بولۇپ كەلگەن. سېلاھ.
9سەن كىشون دەرياسىدا مىدىيانىيلارغا، سىسېراغا ۋە يابىنغا قانداق تاقابىل تۇرغان بولساڭ، ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلغايسەن؛
10بۇلار ئەن‫‪‎-‎‬‬دور يېزىسىدا قىرىلغانىدى، يەر ئۈچۈن تىزەك‫‪‎-‎‬‬ئوغۇتقا ئايلانغانىدى.
11ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنى ئورەب ۋە زېئەبكە، ئۇلارنىڭ داھىيلىرىنى زەباھ ھەم زالمۇنناغا ئوخشاش قىلغايسەن؛
12چۈنكى ئۇلار‫‪:‬‬ «خۇدانىڭ چىمەن‫‪‎-‎‬‬يايلاقلىرىنى ئۆزىمىزگە مۈلۈك قىلىۋالايلى!» ــ دەپ ئېيتقان.
13ئى خۇدايىم، ئۇلارنى دومىلىنىدىغان قامغاقتەك، شامالدا ئۇچۇرۇلغان سامان كەبى سورۇۋەتكەيسەن.
14ئوت ئورمانلىققا تۇتاشقانغا ئوخشاش، يالقۇن تاغلارنى كۆيدۈرگەنگە ئوخشاش،
15سەن يەنە ئۇلارنى بورىنىڭ بىلەن قوغلىغايسەن، قارا قۇيۇنىڭ بىلەن ۋەھىمىگە سالغايسەن؛
16ئۇلارنىڭ سېنىڭ نامىڭنى ئىزدىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى شەرم‫‪‎-‎‬‬ھايا بىلەن چۆمدۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار!
17ئۇلار نومۇستىن ئەبەدىي شەرمەندە بولسۇن، جاھانغا رەسۋا بولۇپ يوقىتىلسۇن.

Read زەبۇر 83زەبۇر 83
Compare زەبۇر 83:8-17زەبۇر 83:8-17