3ئۇلار قۇۋلۇق بىلەن سېنىڭ خەلقىڭگە سۇيىقەست قىلىدۇ، سېنىڭ ھىمايە قىلىپ قەدىرلىگەنلىرىڭ بىلەن قارشىلىشىشنى مەسلىھەتلىشىدۇ.
4ئۇلار: ــ «يۈرۈڭلار، ئۇلارنى مىللەت قاتارىدىن يوق قىلايلى! ئىسرائىلنىڭ نامى ئىككىنچى تىلغا ئېلىنمىسۇن!» ــ دېمەكتە.
5ئۇلار ھەمنەپەس، ھەمدىل مەسلىھەتلەشتى؛ ئۇلار ساڭا قارشى ئىتتىپاق تۈزدى.
6مانا، ئېدوم ۋە ئىسمائىللارنىڭ چېدىرلىرى، موئاب ھەم ھاگرىيلار؛
7گەبال، ئاممون، ۋە ئامالەك؛ فىلىستىيە ھەمدە تۇر ئاھالىلىرى،
8ئاسۇرىيەمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى؛ ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەن. سېلاھ.
9سەن كىشون دەرياسىدا مىدىيانىيلارغا، سىسېراغا ۋە يابىنغا قانداق تاقابىل تۇرغان بولساڭ، ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلغايسەن؛
10بۇلار ئەن-دور يېزىسىدا قىرىلغانىدى، يەر ئۈچۈن تىزەك-ئوغۇتقا ئايلانغانىدى.
11ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنى ئورەب ۋە زېئەبكە، ئۇلارنىڭ داھىيلىرىنى زەباھ ھەم زالمۇنناغا ئوخشاش قىلغايسەن؛