Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 83

زەبۇر 83:1-5

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئاسافنىڭ كۈي‫‪‎-‎‬‬ناخشىسى‫‪:‬‬ ــ ئى خۇدا، ئۈن چىقارماي تۇرۇۋالما، جىم تۇرۇۋالما، سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالما، ئى تەڭرىم!
2چۈنكى مانا، سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ داۋراڭ قىلماقتا، ساڭا ئۆچمەنلەر باش كۆتۈرمەكتە.
3ئۇلار قۇۋلۇق بىلەن سېنىڭ خەلقىڭگە سۇيىقەست قىلىدۇ، سېنىڭ ھىمايە قىلىپ قەدىرلىگەنلىرىڭ بىلەن قارشىلىشىشنى مەسلىھەتلىشىدۇ.
4ئۇلار‫‪:‬‬ ــ «يۈرۈڭلار، ئۇلارنى مىللەت قاتارىدىن يوق قىلايلى! ئىسرائىلنىڭ نامى ئىككىنچى تىلغا ئېلىنمىسۇن!» ــ دېمەكتە.
5ئۇلار ھەمنەپەس، ھەمدىل مەسلىھەتلەشتى؛ ئۇلار ساڭا قارشى ئىتتىپاق تۈزدى.

Read زەبۇر 83زەبۇر 83
Compare زەبۇر 83:1-5زەبۇر 83:1-5