1ئاساف يازغان كۈي: ــ خۇدا ئۆز ئىلاھىي مەجلىسىدە تۇرۇپ رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، ئۇ ئىلاھلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛
2ــ قاچانغىچە سىلەر ناھەق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر، قاچانغىچە رەزىللەرگە يۈز-خاتىرە قىلىسىلەر؟ سېلاھ.
3گادايلار ۋە يېتىم-يېسىرلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار، ئېزىلگەنلەر ھەم ھاجەتمەنلەرگە ئادالەتنى كۆرسىتىڭلار؛
4مىسكىنلەر ھەم نامراتلارنى قۇتقۇزۇڭلار، ئۇلارنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىڭلار!