10سېنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدايىڭدۇرمەن؛ ئاغزىڭنى يوغان ئاچ، مەن ئۇنى تولدۇرىمەن.
11ــ بىراق خەلقىم سادايىمغا قۇلاق سالمىدى، ئىسرائىلنىڭ ماڭا باغلانغۇسى يوق ئىدى؛
12شۇڭا مەن ئۇلارنى ئۆز تەرسالىقىغا قويۇۋەتتىم؛ ئۇلار ئۆز مەسلىھەتلىرى بىلەن مېڭىۋېرەتتى.
13ــ ئاھ، مېنىڭ خەلقىم ماڭا قۇلاق سالسا ئىدى! ئىسرائىل مېنىڭ يوللىرىمدا يۈرسە ئىدى!