Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 80

زەبۇر 80:2-18

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2ئەفرائىم، بىنيامىن، ماناسسەهلەرنىڭ ئالدىدا قۇدرىتىڭنى قوزغىغايسەن، بىزلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلگەيسەن!
3ئى خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز!
4ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، خەلقىڭنىڭ دۇئالىرىغا بولغان غەزىپىڭ قاچانغىچە يالقۇنلاپ تۇرىدۇ؟
5سەن كۆز ياشلىرىنى ئۇلارغا ئوزۇق ئورنىدا قىلدىڭ، كۆز ياشلىرىنى قاچا‫‪‎-‎‬‬قاچىلاپ ئۇلارغا ئىچكۈزدۇڭ.
6بىزنى قوشنىلىرىمىزغا تالاشقا قويدۇڭ؛ دۈشمەنلىرىمىز بىزنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.  
7ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز!
8سەن مىسىردىن بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتىنى ئېلىپ كەلدىڭ؛ يات ئەللەرنى ھەيدىۋېتىپ، ئورنىغا ئۇنى تىكتىڭ.
9ئۇنىڭ ئالدىدا يەرنى كەڭ ئاچتىڭ؛ ئۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، پۈتۈن زېمىنغا يېيىلدى.
10ئۇنىڭ سايىسى تاغلارنى قاپلىدى؛ غوللىرى قۇدرەتلىك كېدىر دەرەخلىرىدەك ئۆستى؛
11ئۇ شاخلىرىنى دېڭىزغىچە، پىلەكلىرىنى ئەفرات دەرياسى بويلىرىغىچە ئۇزارتتى.
12سەن نېمىشقا ئۇنىڭ قاشالىرىنى بۇزۇپ، مېۋىسىنى ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ئۈزۈپ ئېلىشىغا يول قويدۇڭ؟
13مانا ئورمانلىقتىكى ياۋا توڭگۇزلار ئۇنى يېرىۋاتىدۇ، دالادىكى ھايۋاناتلار ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىدۇ.
14ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، سەندىن ئۆتۈنىمىزكى، يېنىمىزغا قايتقايسەن! ئەرشتىن ھالىمىزغا نەزەر سالغايسەن، كېلىپ بۇ ئۈزۈم تېلىدىن خەۋەر ئالغايسەن!
15يەنى ئوڭ قولۇڭ تىككەن بۇ يىلتىزدىن، ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن بۇ ئوغلۇڭدىن خەۋەر ئالغايسەن!
16مانا ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلدى، كېسىۋېتىلدى؛ يۈزۈڭدىكى تەنبىھىي قارىشىڭنى كۆرۈپ ئۇلار ھالاك بولماقتا؛
17قولۇڭنى ئوڭ قولۇڭدىكى ئادەمگە، يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن ئىنسان ئوغلىغا قوندۇرغايسەن؛  
18شۇنداق قىلغاندا بىز سەندىن ھەرگىز چېكىنمەيمىز؛ بىزنى يېڭىلىغايسەن، شۇندا بىز نامىڭنى چاقىرىپ ساڭا ئىلتىجا قىلىمىز.

Read زەبۇر 80زەبۇر 80
Compare زەبۇر 80:2-18زەبۇر 80:2-18