2ئەفرائىم، بىنيامىن، ماناسسەهلەرنىڭ ئالدىدا قۇدرىتىڭنى قوزغىغايسەن، بىزلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلگەيسەن!
3ئى خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز!
4ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، خەلقىڭنىڭ دۇئالىرىغا بولغان غەزىپىڭ قاچانغىچە يالقۇنلاپ تۇرىدۇ؟
5سەن كۆز ياشلىرىنى ئۇلارغا ئوزۇق ئورنىدا قىلدىڭ، كۆز ياشلىرىنى قاچا-قاچىلاپ ئۇلارغا ئىچكۈزدۇڭ.
6بىزنى قوشنىلىرىمىزغا تالاشقا قويدۇڭ؛ دۈشمەنلىرىمىز بىزنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.
7ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن! جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز!
8سەن مىسىردىن بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتىنى ئېلىپ كەلدىڭ؛ يات ئەللەرنى ھەيدىۋېتىپ، ئورنىغا ئۇنى تىكتىڭ.
9ئۇنىڭ ئالدىدا يەرنى كەڭ ئاچتىڭ؛ ئۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، پۈتۈن زېمىنغا يېيىلدى.
10ئۇنىڭ سايىسى تاغلارنى قاپلىدى؛ غوللىرى قۇدرەتلىك كېدىر دەرەخلىرىدەك ئۆستى؛