Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 79

زەبۇر 79:2-11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2ئۇلار قۇللىرىڭنىڭ جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى ئۇچار‫‪‎-‎‬‬قاناتلارغا يەم قىلىپ، مۆمىن بەندىلىرىڭنىڭ ئەتلىرىنى دالادىكى ھايۋاناتلارغا تاشلاپ بەردى.
3ئۇلار خەلقىڭنىڭ قانلىرىنى يېرۇسالېم ئەتراپىدا سۇدەك ئاققۇزدى، جەسەتلىرىنى كۆمگىلى بىرەر ئادەممۇ قالدۇرمىدى.
4قوشنىلىرىمىز ئالدىدا رەسۋاغا قالدۇق، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە مەسخىرە ۋە مازاق ئوبيېكتى بولدۇق.
5قاچانغىچە، ئى پەرۋەردىگار؟ سەن مەڭگۈگە غەزەپلىنەمسەن؟ سېنىڭ يۈرىكىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟   
6قەھرىڭنى سېنى تونۇمىغان ئەللەر ئۈستىگە، نامىڭنى بىلمىگەن پادىشاھلىقلار ئۈستىگە تۆككەيسەن!
7چۈنكى ئۇلار ياقۇپنى يالماپ، ئۇنىڭ ماكانىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى.
8ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىزگە ھېسابلىمىغايسەن؛ رەھىمدىللىقلىرىڭ بىزنىڭ يېنىمىزغا چاپسان كەلگەي! چۈنكى بىز ئىنتايىن پەس ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇق.
9ئۆز نامىڭنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن بىزگە ياردەم قىلغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىزنىڭ خۇداسى، نامىڭ ئۈچۈن بىزنى قۇتقۇزغايسەن، گۇناھلىرىمىزنى كافارەت قىلىپ كەچۈرگەيسەن؛
10ئەللەر نېمىشقا‫‪:‬‬ «ئۇلارنىڭ خۇداسى قەيەردە؟» دەپ مازاق قىلىشىدۇ؟ قۇللىرىڭ تۆككەن قان قەرزىنىڭ ھېسابى ئەللەر ئارىسىدا، كۆز ئالدىمىزدا قىلىنسۇن.
11ئەسىرلەرنىڭ ئاھ‫‪‎-‎‬‬زارلىرى ئالدىڭغا كەلگەي؛ بىلىكىڭنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى ساقلىغايسەن.

Read زەبۇر 79زەبۇر 79
Compare زەبۇر 79:2-11زەبۇر 79:2-11