Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 78

زەبۇر 78:54-71

Help us?
Click on verse(s) to share them!
54ئۇ ئۇلارنى ئۆز مۇقەددەس زېمىنىنىڭ چېگراسىغا، ئوڭ قولى ئىگىلىۋالغان بۇ تاغلىققا ئېلىپ كەلدى.
55ئۇ ئەللەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋېتىپ، زېمىن ئۈستىگە تانا تارتقۇزۇپ ئۆلچەپ، ئۇلارغا تەقسىم قىلدى؛ ئىسرائىل قەبىلىلىرىنى ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىغا ئولتۇراقلاشتۇردى.
56بىراق ئۇلار خۇدانى، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنى سىناپ ئاچچىقلاندۇردى، ئۇنىڭ تاپشۇرغان گۇۋاھ‫‪‎-‎‬‬ئاگاھلىرىنى تۇتمىدى؛
57بەلكى ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋلىرىدەك يولدىن تېيىپ ئاسىيلىق قىلدى، خائىن ئوقيادەك قېيىپ كەتتى.
58ئۇلار ئېگىزلىكتە قۇرغان ئىبادەتگاھلار بىلەن ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى، ئويما بۇتلىرى بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتىدى.
59خۇدا ئۇلارنى ئاڭلاپ غەزەپلەندى، ئىسرائىلدىن ئىنتايىن يىرگەندى.
60ئۇ شىلوھدىكى ماكانىنى، يەنى ئۇ ئىنسان ئارىسىدا تۇرغان چېدىرنى تاشلاپ كەتتى،
61ئۆزىنىڭ قۇدرەت بەلگىسىنى بۇلاپ كېتىشكە، شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىنى ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ قولىغا بەردى؛   
62ئۆز خەلقىنى قىلىچقا تاپشۇردى، ئۆزىنىڭ مىراسى بولغانلاردىن ئىنتايىن غەزەپلەندى.
63ئوت ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىنى يالمىدى، قىزلىرى توي ناخشىلىرىدا ماختالمايتتى.
64ئۇلارنىڭ كاھىنلىرى قىلىچ ئاستىدا يىقىلدى، لېكىن تۇل خوتۇنلىرى ھازا تۇتمىدى.  
65ئاندىن رەب بىرسى ئۇيقۇدىن ئويغاندەك ئويغاندى، شارابتىن جاسارەتلەنگەن پالۋاندەك توۋلىدى.
66ئۇ رەقىبلىرىنى ئۇرۇپ چېكىندۈرۈپ، ئۇلارنى تۈگىمەس رەسۋاغا قالدۇردى.   
67يۈسۈپنىڭ چېدىرىنى شاللاپ، رەت قىلدى؛ ئەفرائىم قەبىلىسىنى تاللىمىدى؛
68بەلكى يەھۇدا قەبىلىسىنى، ياخشى كۆرگەن زىئون تېغىنى تاللىدى.
69شۇ يەردە مۇقەددەس جايىنى تاغ چوققىلىرىدەك، يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىننى ئەبەدىي ئورناتقاندەك مەزمۇت بىنا قىلدى؛
70ئۇ ئۆز قۇلى داۋۇتنى تاللاپ، ئۇنى قوي قوتانلىرىدىن چاقىرىۋالدى؛
71قوزىلىرىنى ئېمىتىدىغان ساغلىقلارنى ئەگىشىپ بېقىشتىن ئايرىپ، ئۇنى ئۆز خەلقى ياقۇپنى، مىراسى بولغان ئىسرائىلنى بېقىشقا چىقاردى.

Read زەبۇر 78زەبۇر 78
Compare زەبۇر 78:54-71زەبۇر 78:54-71