4ماختانغانلارغا: ــ «ماختانماڭلار»، ھەم رەزىللەرگە «مۈڭگۈزۈڭنى كۆتۈرمە» ــ دېدىم؛
5«مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە؛ بوينۇڭنى قاتتىق قىلىپ غادىيىپ سۆزلىمە!»
6چۈنكى كۆتۈرۈلۈش شەرقتىن ياكى غەربتىن ئەمەس، ياكى جەنۇبتىنمۇ كەلمەيدۇ؛
7چۈنكى خۇدا سوتچىدۇر؛ ئۇ بىرسىنى كۆتۈرىدۇ، بىرسىنى چۈشۈرىدۇ.
8چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭدىكى شاراب كۆپۈكلىشىۋاتىدۇ؛ ئۇ ئەبجەش شاراب بىلەن تولدى؛ خۇدا ئۇنىڭدىن تۆكىدۇ؛ دەرۋەقە يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەر ئۇنىڭ دۇغىنى قويماي ئىچىۋېتىدۇ؛