Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 75

زەبۇر 75:2-10

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2مەنكى پەرۋەردىگار‫‪:‬‬ ــ «مەن بېكىتكەن ۋاقىتنى ئىختىيارىمغا ئالغىنىمدا، ئادالەت بىلەن سوراق قىلىمەن؛
3يەر ھەم يەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلار تەۋرىنىپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى تۇرغۇزغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن» ــ دېدى. سېلاھ.
4ماختانغانلارغا‫‪:‬‬ ــ «ماختانماڭلار»، ھەم رەزىللەرگە «مۈڭگۈزۈڭنى كۆتۈرمە» ــ دېدىم؛
5«مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە؛ بوينۇڭنى قاتتىق قىلىپ غادىيىپ سۆزلىمە!»
6چۈنكى كۆتۈرۈلۈش شەرقتىن ياكى غەربتىن ئەمەس، ياكى جەنۇبتىنمۇ كەلمەيدۇ؛
7چۈنكى خۇدا سوتچىدۇر؛ ئۇ بىرسىنى كۆتۈرىدۇ، بىرسىنى چۈشۈرىدۇ.
8چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭدىكى شاراب كۆپۈكلىشىۋاتىدۇ؛ ئۇ ئەبجەش شاراب بىلەن تولدى؛ خۇدا ئۇنىڭدىن تۆكىدۇ؛ دەرۋەقە يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەر ئۇنىڭ دۇغىنى قويماي ئىچىۋېتىدۇ؛
9مەن بولسام، مەڭگۈگە گۇۋاھلىق بېرىمەن‫‪:‬‬ ــ ياقۇپنىڭ خۇداسىغا كۈيلەرنى ئېيتىمەن.
10«مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛ بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!».

Read زەبۇر 75زەبۇر 75
Compare زەبۇر 75:2-10زەبۇر 75:2-10