Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 73

زەبۇر 73:6-24

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6شۇڭا مەغرۇرلۇق مارجاندەك ئۇلارغا ئېسىلىدۇ، زورلۇق‫‪‎-‎‬‬زومىگەرلىك توندەك ئۇلارغا چاپلىشىدۇ.
7ئۇلار سەمرىپ كەتكەنلىكىدىن كۆزلىرى تومپىيىپ چىقتى؛ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى خىيالەتلەر ھەددىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
8باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ زەھەرلىك سۆزلەيدۇ؛ ھالىنى ئۈستۈن قىلىپ دىۋىنىپ، دوق قىلىدۇ.
9ئۇلار ئاغزىنى پەلەككە قويىدۇ، ئۇلارنىڭ تىللىرى يەر يۈزىنى كېزىپ يۈرىدۇ.
10شۇڭا خۇدانىڭ خەلقى مۇشۇلارغا مايىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى سۇ ئىچكەندەك ئاخىرىغىچە ئىچىپ‫‪:‬‬ ــ
11«تەڭرى قانداق بىلەلەيتتى؟»، «ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىدا بىلىم بارمۇ؟» ــ دەيدۇ.
12مانا بۇلار رەزىللەردۇر؛ ئۇلار بۇ دۇنيادا راھەت‫‪‎-‎‬‬پاراغەتنى كۆرىدۇ، بايلىقلارنى توپلايدۇ.
13«ئاھ، ھەقىقەتەن بىكاردىن‫‪‎-‎‬‬بىكار كۆڭلۈمنى پاكلاندۇرۇپتىمەن، گۇناھسىز تۇرۇپ قولۇمنى ئارتۇقچە يۇيۇپ كەپتىمەن؛
14بىكارغا كۈن بويى جاپا چېكىپتىمەن؛ شۇندىمۇ ھەر سەھەردە ۋىجداننىڭ ئەيىبىگە ئۇچراپ كەلدىم!».
15بىراق مەن‫‪:‬‬ ــ «بۇنداق دېسەم، بۇ دەۋردىكى پەرزەنتلىرىڭگە ئاسىيلىق قىلغان بولمامدىمەن؟» ــ دېدىم.
16ئۇلارنى كاللامدىن ئۆتكۈزەي دېسەم، كۆزۈمگە شۇنداق ئېغىر كۆرۈندى.
17تەڭرىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىغا كىرگۈچە شۇنداق ئويلىدىم؛ كىرگەندىلا يامانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشەندىم.
18دەرۋەقە سەن ئۇلارنى تېيىلغاق يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرىسەن، ئۇلارنى يىقىتىپ پارە‫‪‎-‎‬‬پارە قىلىۋېتىسەن.
19ئۇلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا شۇنچە پاراكەندە بولىدۇ، دەھشەتلەر ئۇلارنى بېسىپ يوقىتىدۇ!
20سەن ئى رەب، چۈشتىن ئويغانغاندەك ئويغىنىپ، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ سىياقىنى كۆزگە ئىلمايسەن.
21يۈرەكلىرىم قايناپ، ئىچلىرىم سانجىلغاندەك بولغان چاغدا،
22ئۆزۈمنى ھېچنېمە بىلمەيدىغان بىر ھاماقەت، ئالدىڭدا بىر ھايۋان ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يەتتىم.
23ھالبۇكى، مەن ھەمىشە سەن بىلەن بىللە؛ سەن مېنى ئوڭ قولۇمدىن تۇتۇپ يۆلىدىڭ؛
24ئۆز نەسىھەتىڭ بىلەن مېنى يېتەكلەيسەن، شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپڭنى نامايان قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا سەن مېنى ئۆزۈڭگە قوبۇل قىلىسەن.

Read زەبۇر 73زەبۇر 73
Compare زەبۇر 73:6-24زەبۇر 73:6-24