Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 73

زەبۇر 73:2-19

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2لېكىن ئۆزۈم بولسام، پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈشكە تاسلا قالدىم؛ ئاياغلىرىم تېيىلىپ كەتكىلى قىل قالدى؛
3چۈنكى رەزىللەرنىڭ روناق تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، ھاكاۋۇرلارغا ھەسەت قىلدىم؛
4چۈنكى ئۇلار ئۆلۈمىدە ئازابلار تارتمايدۇ، ئەكسىچە تېنى مەزمۇت ۋە ساغلام تۇرىدۇ.
5ئۇلار ئىنسانغا خاس جاپانى كۆرمەيدۇ، ياكى خەقلەردەك بالايىئاپەتكە ئۇچرىمايدۇ.
6شۇڭا مەغرۇرلۇق مارجاندەك ئۇلارغا ئېسىلىدۇ، زورلۇق‫‪‎-‎‬‬زومىگەرلىك توندەك ئۇلارغا چاپلىشىدۇ.
7ئۇلار سەمرىپ كەتكەنلىكىدىن كۆزلىرى تومپىيىپ چىقتى؛ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى خىيالەتلەر ھەددىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
8باشقىلارنى مەسخىرە قىلىپ زەھەرلىك سۆزلەيدۇ؛ ھالىنى ئۈستۈن قىلىپ دىۋىنىپ، دوق قىلىدۇ.
9ئۇلار ئاغزىنى پەلەككە قويىدۇ، ئۇلارنىڭ تىللىرى يەر يۈزىنى كېزىپ يۈرىدۇ.
10شۇڭا خۇدانىڭ خەلقى مۇشۇلارغا مايىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى سۇ ئىچكەندەك ئاخىرىغىچە ئىچىپ‫‪:‬‬ ــ
11«تەڭرى قانداق بىلەلەيتتى؟»، «ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىدا بىلىم بارمۇ؟» ــ دەيدۇ.
12مانا بۇلار رەزىللەردۇر؛ ئۇلار بۇ دۇنيادا راھەت‫‪‎-‎‬‬پاراغەتنى كۆرىدۇ، بايلىقلارنى توپلايدۇ.
13«ئاھ، ھەقىقەتەن بىكاردىن‫‪‎-‎‬‬بىكار كۆڭلۈمنى پاكلاندۇرۇپتىمەن، گۇناھسىز تۇرۇپ قولۇمنى ئارتۇقچە يۇيۇپ كەپتىمەن؛
14بىكارغا كۈن بويى جاپا چېكىپتىمەن؛ شۇندىمۇ ھەر سەھەردە ۋىجداننىڭ ئەيىبىگە ئۇچراپ كەلدىم!».
15بىراق مەن‫‪:‬‬ ــ «بۇنداق دېسەم، بۇ دەۋردىكى پەرزەنتلىرىڭگە ئاسىيلىق قىلغان بولمامدىمەن؟» ــ دېدىم.
16ئۇلارنى كاللامدىن ئۆتكۈزەي دېسەم، كۆزۈمگە شۇنداق ئېغىر كۆرۈندى.
17تەڭرىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىغا كىرگۈچە شۇنداق ئويلىدىم؛ كىرگەندىلا يامانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشەندىم.
18دەرۋەقە سەن ئۇلارنى تېيىلغاق يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرىسەن، ئۇلارنى يىقىتىپ پارە‫‪‎-‎‬‬پارە قىلىۋېتىسەن.
19ئۇلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا شۇنچە پاراكەندە بولىدۇ، دەھشەتلەر ئۇلارنى بېسىپ يوقىتىدۇ!

Read زەبۇر 73زەبۇر 73
Compare زەبۇر 73:2-19زەبۇر 73:2-19