16ئۇلارنى كاللامدىن ئۆتكۈزەي دېسەم، كۆزۈمگە شۇنداق ئېغىر كۆرۈندى.
17تەڭرىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىغا كىرگۈچە شۇنداق ئويلىدىم؛ كىرگەندىلا يامانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشەندىم.
18دەرۋەقە سەن ئۇلارنى تېيىلغاق يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرىسەن، ئۇلارنى يىقىتىپ پارە-پارە قىلىۋېتىسەن.
19ئۇلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا شۇنچە پاراكەندە بولىدۇ، دەھشەتلەر ئۇلارنى بېسىپ يوقىتىدۇ!