10شۇڭا خۇدانىڭ خەلقى مۇشۇلارغا مايىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى سۇ ئىچكەندەك ئاخىرىغىچە ئىچىپ: ــ
11«تەڭرى قانداق بىلەلەيتتى؟»، «ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىدا بىلىم بارمۇ؟» ــ دەيدۇ.
12مانا بۇلار رەزىللەردۇر؛ ئۇلار بۇ دۇنيادا راھەت-پاراغەتنى كۆرىدۇ، بايلىقلارنى توپلايدۇ.