Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 72

زەبۇر 72:16-19

Help us?
Click on verse(s) to share them!
16يەر يۈزىدىكى ھوسۇل مول بولىدۇ، ھەتتا تاغ چوققىلىرىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. مىغ‫‪‎-‎‬‬مىغ چۈشكەن مېۋىلەر لىۋاندىكى ئورمانلاردەك تەۋرىنىدۇ؛ شەھەردىكىلەر بولسا دالادىكى ئوت‫‪‎-‎‬‬يېشىللىقتەك گۈللىنىدۇ؛
17ئۇنىڭ نامى مەڭگۈگە ئۆچمەيدۇ، ئۇنىڭ نامى قۇياش يوقالغۇچە تۇرىدۇ؛ ئادەملەر ئۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە بەخت تىلەيدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىشىدۇ.
18ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، پەرۋەردىگار خۇداغا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە بولغاي! كارامەت ئىشلارنى ياراتقۇچى يالغۇز ئۇدۇر!
19ئۇنىڭ شەرەپلىك نامىغا مەڭگۈگە تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە ئوقۇلسۇن! ئۇنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شۆھرىتى پۈتكۈل دۇنيانى قاپلىغاي! ئامىن! ۋە ئامىن!

Read زەبۇر 72زەبۇر 72
Compare زەبۇر 72:16-19زەبۇر 72:16-19