Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 6

زەبۇر 6:1-8

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار ھەم سەككىز تارلىق ئارفا بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ تۇتقاندا مېنى ئەيىبلىمە؛ قەھرىڭ كەلگەندە مېنى ئەدەپلىمە.
2ماڭا شاپائەت قىلغىن، ئى پەرۋەردىگار، چۈنكى مەن زەئىپلىشىپ كەتتىم؛ ئى پەرۋەردىگار، مېنى ساقايتقىن، چۈنكى مېنىڭ ئۇستىخانلىرىم ۋەھىمىگە چۈشتى.
3مېنىڭ جېنىم دەھشەتلىك دەككە‫‪‎-‎‬‬دۈككىگە چۈشتى؛ ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە شۇنداق بولىدۇ؟
4يېنىمغا قايت، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى ئازاد قىلغايسەن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن مېنى قۇتقۇزغىن.
5چۈنكى ئۆلۈمدە بولسا ساڭا سېغىنىشلار يوق؛ تەھتىسارادا كىم ساڭا تەشەككۈرلەرنى ئېيتسۇن؟
6مېنىڭ ئۇھ تارتىشلىرىمدىن ماغدۇرۇم قالمىدى؛ تۈن بويى ئورۇن‫‪‎-‎‬‬كۆرپەمنى كۆلچەك قىلىمەن؛ ياشلىرىم بىلەن كارىۋىتىمنى چۆكتۈرىمەن.
7دەردلەردىن كۆزۈم خىرەلىشىپ كەتتى؛ بارلىق كۈشەندىلىرىم تۈپەيلىدىن كۆزۈم كاردىن چىقىۋاتىدۇ.
8ئى قەبىھلىك قىلغۇچىلار، ھەممىڭلار مەندىن نېرى بولۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار يىغا ئاۋازىمنى ئاڭلىدى.

Read زەبۇر 6زەبۇر 6
Compare زەبۇر 6:1-8زەبۇر 6:1-8