32ياۋاش مۆمىنلەر بۇنى كۆرۈپ خۇشال بولىدۇ؛ خۇدانى ئىزدىگەنلەر ــ قەلبىڭلار يېڭىلىنىدۇ.
33چۈنكى پەرۋەردىگار يوقسۇللارنىڭ ئىلتىجاسىنى ئاڭلايدۇ، ئۆزىگە تەۋە ئەسىر قىلىنغانلارنى ئۇ كەمسىتمەيدۇ؛
34ئاسمان-زېمىن ئۇنى مەدھىيىلىسۇن! دېڭىز-ئوكيانلار ھەم ئۇلاردا يۈرگۈچى بارلىق جانىۋارلار ئۇنى مەدھىيىلىگەي!
35چۈنكى خۇدا زىئوننى قۇتقۇزىدۇ؛ يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى قايتا بىنا قىلىدۇ؛ ئۇلار ئاشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەيدۇ.
36ئۇنىڭ قۇللىرىنىڭ نەسىللىرى ئۇنىڭغا مىراس بولىدۇ، ئۇنىڭ نامىنى سۆيگەنلەر ئۇ يەرلەردە ماكانلىشىدۇ.