Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 69

زەبۇر 69:24-36

Help us?
Click on verse(s) to share them!
24قەھرىڭنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرگەيسەن، غەزىپىڭنىڭ ئوتلىرى ئۇلارغا تۇتاشقاي؛
25ئۇلارنىڭ ماكانى خارابە بولغاي، چېدىرلىرى چۆلدەرەپ قالغاي؛
26چۈنكى ئۇلار سەن ئۇرغانغا تېخىمۇ زىيانكەشلىك قىلماقتا؛ سەن زەخىملەندۈرگەنلەرنىڭ ئازابىغا گەپ بىلەن ئازاب قوشماقتا.
27ئۇلارنىڭ گۇناھىغا گۇناھ قوشقايسەن، ھەققانىيلىقىڭنىڭ نېسىۋىسىگە ئۇلارنى ئېرىشتۇرمىگەيسەن.
28ئۇلار ھاياتلىق دەپتىرىدىن ئۆچۈرۈلگەي؛ ھەققانىيلارنىڭ قاتارىغا پۈتۈلمىگەي.
29بىراق مەن بولسام بىر ئېزىلگەن دەردمەن؛ نىجاتلىقىڭ، ئى خۇدا، مېنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ قۇتقۇزغاي؛
30مەن مۇناجات ئوقۇپ خۇدانىڭ نامىنى مەدھىيىلەيمەن؛ تەشەككۈرلەر بىلەن ئۇنى ئۇلۇغلايمەن؛
31بۇ بولسا پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، ئۆكۈز تەقدىم قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر؛ مۈڭگۈز‫‪‎-‎‬‬تۇياقلىرى ساق تورپاق بەرگەندىنمۇ ئارتۇقتۇر.
32ياۋاش مۆمىنلەر بۇنى كۆرۈپ خۇشال بولىدۇ؛ خۇدانى ئىزدىگەنلەر ــ قەلبىڭلار يېڭىلىنىدۇ.
33چۈنكى پەرۋەردىگار يوقسۇللارنىڭ ئىلتىجاسىنى ئاڭلايدۇ، ئۆزىگە تەۋە ئەسىر قىلىنغانلارنى ئۇ كەمسىتمەيدۇ؛
34ئاسمان‫‪‎-‎‬‬زېمىن ئۇنى مەدھىيىلىسۇن! دېڭىز‫‪‎-‎‬‬ئوكيانلار ھەم ئۇلاردا يۈرگۈچى بارلىق جانىۋارلار ئۇنى مەدھىيىلىگەي!
35چۈنكى خۇدا زىئوننى قۇتقۇزىدۇ؛ يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى قايتا بىنا قىلىدۇ؛ ئۇلار ئاشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەيدۇ.
36ئۇنىڭ قۇللىرىنىڭ نەسىللىرى ئۇنىڭغا مىراس بولىدۇ، ئۇنىڭ نامىنى سۆيگەنلەر ئۇ يەرلەردە ماكانلىشىدۇ.

Read زەبۇر 69زەبۇر 69
Compare زەبۇر 69:24-36زەبۇر 69:24-36