3بىراق ھەققانىيلار خۇشاللىنىدۇ، ئۇلار خۇدا ئالدىدا روھلىنىپ، تەنتەنە قىلىپ شادلىنىدۇ.
4خۇداغا كۈيلەر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ نامىنى ناخشا قىلىپ ياڭرىتىڭلار؛ چۆل-باياۋانلارغا مىنگۈچىگە بىر يولنى كۆتۈرۈپ ياساڭلار؛ ئۇنىڭ نامى «ياھ»دۇر؛ ئۇنىڭ ئالدىدا شادلىنىڭلار.
5يېتىملارغا ئاتا بولغۇچى، تۇل خوتۇنلارنىڭ دەۋاسىنى سورىغۇچى، ئۆز مۇقەددەس ماكانىدا تۇرغان خۇدادۇر.
6خۇدا غېرىبلارنى ئۆي-ئوچاقلىق قىلىدۇ؛ ئۇ مەھبۇسلارنى ئاۋاتلىققا چىقىرىدۇ؛ لېكىن ئاسىيلارنى قاغجىراق يەردە قالدۇرىدۇ.
7ئى خۇدا، ئۆز خەلقىڭنىڭ ئالدىدا ماڭغىنىڭدا، چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ سەپەر قىلغىنىڭدا، ــ (سېلاھ) ــ
8خۇدانىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا، يەنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ھۇزۇرى ئالدىدا، يەر-جاھان تەۋرىنىپ، ئاسمانلارمۇ يېغىن ياغدۇردى؛ ئاۋۇ سىناي تېغىمۇ تەۋرىنىپ كەتتى.
9سەن، ئى خۇدا، ئۆز مىراسىڭ بولغان زېمىن-خەلق ئۈستىگە خاسىيەتلىك بىر يامغۇر ياغدۇردۇڭ؛ ئۇلار ھالسىزلانغاندا ئۇلارنى كۈچلەندۈردۈڭ.