28سېنىڭ خۇدايىڭ كۈچۈڭنى بۇيرۇپ بېكىتكەن؛ ئۆزۈڭ بىز ئۈچۈن قىلغىنىڭنى مۇستەھكەملىگەيسەن، ئى خۇدا!
29يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ ۋەجىدىن، پادىشاھلار ساڭا ئاتاپ ھەدىيەلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؛
30ئاھ، ھېلىقى قومۇشلۇقتىكى يىرتقۇچ جانىۋارنى، كۈچلۈكلەرنىڭ توپىنى، تائىپىلەردىكى تورپاقلارنىمۇ ئەيىبلىگەيسەن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئەكىلىپ ساڭا تىز پۈكۈشىدۇ؛ ئۇرۇشخۇمار خەلقلەرنى تىرىپىرەن قىلىۋەتكەيسەن!