Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 68

زەبۇر 68:25-35

Help us?
Click on verse(s) to share them!
25ئالدىڭدا مۇناجاتچىلار، كەينىڭدە چالغۇچىلار ماڭدى، ئوتتۇرىسىدا داپچى قىزلار بار ئىدى‫‪:‬‬
26«جامائەتلەردە خۇدا رەبگە تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە ئېيتىڭلار، ــ ئى ئىسرائىل بۇلاقلىرىدىن چىققانلار!» ‫‪‎-‎‬‬ دېيىشتى.
27ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ باشلامچىسى بولغان كىچىك بىنيامىن قەبىلىسى ماڭىدۇ؛ يەھۇدا ئەمىرلىرى، زور بىر توپ ئادەملەر، زەبۇلۇننىڭ ئەمىرلىرى، نافتالىنىڭ ئەمىرلىرىمۇ بار.
28سېنىڭ خۇدايىڭ كۈچۈڭنى بۇيرۇپ بېكىتكەن؛ ئۆزۈڭ بىز ئۈچۈن قىلغىنىڭنى مۇستەھكەملىگەيسەن، ئى خۇدا!
29يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ ۋەجىدىن، پادىشاھلار ساڭا ئاتاپ ھەدىيەلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؛
30ئاھ، ھېلىقى قومۇشلۇقتىكى يىرتقۇچ جانىۋارنى، كۈچلۈكلەرنىڭ توپىنى، تائىپىلەردىكى تورپاقلارنىمۇ ئەيىبلىگەيسەن؛ ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەربىرى كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئەكىلىپ ساڭا تىز پۈكۈشىدۇ؛ ئۇرۇشخۇمار خەلقلەرنى تىرىپىرەن قىلىۋەتكەيسەن!
31مۆتىۋەر ئەلچىلەر مىسىردىن كېلىدۇ، ئېفىئوپىيە بولسا خۇداغا قاراپ قوللىرىنى تېزدىن كۆتۈرىدۇ.
32ئى يەر يۈزىدىكى ئەل‫‪‎-‎‬‬يۇرتلار، خۇدانى ناخشا بىلەن مەدھىيىلەڭلار؛ رەبنى مەدھىيىلەپ كۈيلەرنى ئېيتىڭلار! (سېلاھ)
33ئاسمانلارنىڭ ئۈستىگە، قەدىمدىن بار بولغان ئاسمانلارنىڭ ئۈستىگە مىنگۈچى توغرۇلۇق كۈي ئېيتىڭلار! مانا، ئۇ ئاۋازىنى ئاڭلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئاۋازى كۈچلۈكتۇر!
34خۇدانى كۈچلۈك دەپ بىلىپ جاكارلاڭلار، ئۇنىڭ ھەيۋىسى ئىسرائىل ئۈستىدە، ئۇنىڭ كۈچى بۇلۇتلاردا تۇرىدۇ؛
35ئى خۇدا، مۇقەددەس جايلىرىڭدىن سۈرلۈك كۆرۈنىسەن! ئىسرائىلنىڭ بىردىنبىر تەڭرىسى! خەلققە كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرەت بەرگۈچى بولسا، ئۇدۇر! خۇداغا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە ئوقۇلسۇن!

Read زەبۇر 68زەبۇر 68
Compare زەبۇر 68:25-35زەبۇر 68:25-35