25ئالدىڭدا مۇناجاتچىلار، كەينىڭدە چالغۇچىلار ماڭدى، ئوتتۇرىسىدا داپچى قىزلار بار ئىدى:
26«جامائەتلەردە خۇدا رەبگە تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىڭلار، ــ ئى ئىسرائىل بۇلاقلىرىدىن چىققانلار!» - دېيىشتى.
27ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ باشلامچىسى بولغان كىچىك بىنيامىن قەبىلىسى ماڭىدۇ؛ يەھۇدا ئەمىرلىرى، زور بىر توپ ئادەملەر، زەبۇلۇننىڭ ئەمىرلىرى، نافتالىنىڭ ئەمىرلىرىمۇ بار.
28سېنىڭ خۇدايىڭ كۈچۈڭنى بۇيرۇپ بېكىتكەن؛ ئۆزۈڭ بىز ئۈچۈن قىلغىنىڭنى مۇستەھكەملىگەيسەن، ئى خۇدا!
29يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ ۋەجىدىن، پادىشاھلار ساڭا ئاتاپ ھەدىيەلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؛