Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 68

زەبۇر 68:20-27

Help us?
Click on verse(s) to share them!
20بىزنىڭ تەڭرىمىز بىردىنبىر نىجاتكار تەڭرىدۇر؛ رەبگە، يەنى پەرۋەردىگارغىلا، ئۆلۈمگە باغلىق ئىشلار تەۋەدۇر.
21بەرھەق، خۇدا ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىنى يارىدۇ، ئۆز گۇناھلىرىدا داۋاملىق كېتىۋېرىدىغانلارنىڭ چاچلىق كاللىسىنى ئۇ چاقىدۇ.
22رەب مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ «ئۆز خەلقىمنى باشان دىيارىدىنمۇ، دېڭىزلارنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدىنمۇ قايتۇرۇپ كېلىمەن؛   
23شۇنداق قىلىپ سەن خەلقىمنىڭ پۇتى قانغا، يەنى دۈشمەنلىرىڭنىڭ قېنىغا مىلىنىدۇ، ئىتلىرىڭنىڭ تىلى بۇنىڭدىنمۇ نېسىۋىسىنى يالايدۇ».
24ئۇلار سېنىڭ ماڭغانلىرىڭنى كۆردى، ئى خۇدا؛ يەنى مېنىڭ ئىلاھىم، مېنىڭ پادىشاھىمنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىرىپ ماڭغانلىرىنى كۆردى؛
25ئالدىڭدا مۇناجاتچىلار، كەينىڭدە چالغۇچىلار ماڭدى، ئوتتۇرىسىدا داپچى قىزلار بار ئىدى‫‪:‬‬
26«جامائەتلەردە خۇدا رەبگە تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە ئېيتىڭلار، ــ ئى ئىسرائىل بۇلاقلىرىدىن چىققانلار!» ‫‪‎-‎‬‬ دېيىشتى.
27ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ باشلامچىسى بولغان كىچىك بىنيامىن قەبىلىسى ماڭىدۇ؛ يەھۇدا ئەمىرلىرى، زور بىر توپ ئادەملەر، زەبۇلۇننىڭ ئەمىرلىرى، نافتالىنىڭ ئەمىرلىرىمۇ بار.

Read زەبۇر 68زەبۇر 68
Compare زەبۇر 68:20-27زەبۇر 68:20-27