Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 66

زەبۇر 66:2-13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2ئۇنىڭ نامىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ناخشا قىلىپ جاكارلاڭلار، ئۇنىڭ مەدھىيىلىرىنى شەرەپلىك قىلىڭلار!
3خۇداغا‫‪:‬‬ «سېنىڭ قىلغانلىرىڭ نەقەدەر قورقۇنچلۇقتۇر! قۇدرىتىڭ زور بولغاچ، دۈشمەنلىرىڭ ئالدىڭدا زەئىپلىشىپ تەسلىم بولىدۇ؛
4بارلىق يەر يۈزىدىكىلەر ساڭا سەجدە قىلىپ، سېنى كۈيلەپ، ناخشا ئېيتىشىدۇ؛ ئۇلار نامىڭنى كۈيلەپ ناخشا قىلىپ ئېيتىدۇ» ــ دەڭلار! سېلاھ!
5كېلىڭلار، خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈڭلار؛ ئىنسان بالىلىرى ئالدىدا قىلغان كارامەتلىرى قورقۇنچلۇقتۇر.
6ئۇ دېڭىزنى قۇرۇقلۇققا ئايلاندۇردى؛ ئەجدادلىرىمىز دەريادىنمۇ پىيادە ئۆتتى؛ بىز ئۇ يەردە ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولدۇق.
7ئۇ قۇدرىتى بىلەن مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ كۆزلىرى ئەللەرنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ؛ ئاسىيلىق قىلغۇچىلار مەغرۇرلانمىسۇن! سېلاھ!
8ئى قوۋملار، خۇدايىمىزغا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە ئېيتىڭلار؛ ئۇنىڭغا بولغان مەدھىيە‫‪‎-‎‬‬ھەمدۇسانالارنى ياڭرىتىڭلار!
9ئۇ جېنىمىزنى ھاياتلىق ئىچىگە تىككەن، پۇتلىرىمىزنى تېيىلدۇرۇشلارغا يول قويمايدۇ.
10چۈنكى سەن، ئى خۇدا، بىزنى سىنىدىڭ؛ كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلىغاندەك بىزنى تاۋلىدىڭ.
11سەن بىزنى تورغا چۈشۈردۇڭ؛ بېلىمىزگە ئېغىر يۈكنى يۈكلىدىڭ.
12خەقلەرنى بېشىمىزغا مىندۈردۈڭ؛ بىز ئوت ۋە كەلكۈننى بېسىپ ئۆتتۇق؛ سەن ئاخىر بىزنى كەڭرىچىلىككە چىقاردىڭ.
13مەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئېلىپ ئۆيۈڭگە كىرەي؛ ساڭا قىلغان قەسەملىرىمگە ئەمەل قىلىمەن؛

Read زەبۇر 66زەبۇر 66
Compare زەبۇر 66:2-13زەبۇر 66:2-13