6خۇدا ئۆز پاك-مۇقەددەسلىكىدە شۇنداق دېگەن: ــ «مەن تەنتەنە قىلىمەن، مەن شەكەم دىيارىنى بۆلۈپ بېرىمەن، سۇككوت ۋادىسىنى تەقسىم قىلىشقا ئۆلچەيمەن.
7گىلېئاد ماڭا مەنسۇپتۇر، ماناسسەھمۇ ماڭا مەنسۇپتۇر؛ ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ ئەمر-پەرمان چىقارغۇچىمدۇر؛
8موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇمدۇر؛ ئېدومغا چورۇقۇمنى تاشلايمەن؛ فىلىستىيە، مېنىڭ سەۋەبىمدىن تەنتەنە قىلىڭلار!»
9كىم مېنى بۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ كىرەلىسۇن؟ كىم مېنى ئېدومغا ئېلىپ بارالىسۇن؟
10ئى خۇدا، سەن بىزنى راستتىنلا چەتكە قاقتىڭمۇ؟ قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقمامسەن؟