Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 60

زەبۇر 60:1-9

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گۇۋاھلىق نىلۇپەرى» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى‫‪:‬‬ ــ (داۋۇت ئارام‫‪‎-‎‬‬ناھارائىم ۋە ئارام‫‪‎-‎‬‬زوباھدىكى سۇرىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلغاندا، ئۇنىڭ سەردارى بولغان يوئاب جەڭگە قايتا بېرىپ، «شور ۋادىسى»دا ئېدومدىكىلەردىن ئون ئىككى مىڭ ئەسكەرنى قىلىچلىغان چاغدا يېزىلغان) ئى خۇدا، سەن بىزنى چەتكە قاقتىڭ؛ بىزنى پارە‫‪‎-‎‬‬پارە قىلىۋەتتىڭ، سەن بىزدىن رەنجىدىڭ؛ ئەمدى بىزنى يېنىڭغا قايتۇرغىن!  
2سەن زېمىننى تەۋرىتىپ يېرىۋەتكەنىدىڭ؛ ئەمدى ئۇنىڭ بۆسۈكلىرىنى ساقايتقايسەن؛ چۈنكى ئۇ دەلدەڭشىپ كەتتى!
3سەن ئۆز خەلقىڭگە كۈلپەت‫‪‎-‎‬‬خارلىقلارنى كۆرگۈزدۈڭ؛ سەن بىزگە ئالاقزادىلىكنىڭ شارابىنى ئىچكۈزدۈڭ.
4سەن ئۆزۈڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا تۇغ تىكلەپ بەرگەنسەن؛ ئۇ ھەقىقەتنى ئايان قىلىشقا كۆتۈرۈلىدۇ. (سېلاھ).
5ئۆز سۆيگەنلىرىڭ نىجاتلىق تېپىشى ئۈچۈن، ئوڭ قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغايسەن، دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغايسەن.
6خۇدا ئۆز پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەسلىكىدە شۇنداق دېگەن‫‪:‬‬ ــ «مەن تەنتەنە قىلىمەن، مەن شەكەم دىيارىنى بۆلۈپ بېرىمەن، سۇككوت ۋادىسىنى تەقسىم قىلىشقا ئۆلچەيمەن.
7گىلېئاد ماڭا مەنسۇپتۇر، ماناسسەھمۇ ماڭا مەنسۇپتۇر؛ ئەفرائىم بولسا بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ ئەمر‫‪‎-‎‬‬پەرمان چىقارغۇچىمدۇر؛
8موئاب مېنىڭ يۇيۇنۇش جاۋۇرۇمدۇر؛ ئېدومغا چورۇقۇمنى تاشلايمەن؛ فىلىستىيە، مېنىڭ سەۋەبىمدىن تەنتەنە قىلىڭلار!»
9كىم مېنى بۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ كىرەلىسۇن؟ كىم مېنى ئېدومغا ئېلىپ بارالىسۇن؟

Read زەبۇر 60زەبۇر 60
Compare زەبۇر 60:1-9زەبۇر 60:1-9