Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 5

زەبۇر 5:6-11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6يالغان سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىسەن؛ پەرۋەردىگار قانخور، ئالدامچى كىشىلەرگە نەپرەت قىلۇر.
7بىراق مەن بولسام، مېھرى‫‪‎-‎‬‬شەپقىتىڭنىڭ كەڭرىچىلىكىدىن ئۆيۈڭگە كىرىمەن؛ ساڭا بولغان ئەيمىنىشتىن مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ سەجدە قىلىمەن؛
8مېنى ئۆچ كۆرگەنلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ھەققانىيلىقىڭ بىلەن مېنى يېتەكلىگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ يولۇڭنى ئالدىمدا تۈز قىلغىن.
9چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاغزىدا ھېچقانداق سەمىمىيلىك يوقتۇر؛ ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى بولسا پاسىقلىقتۇر، ئۇلارنىڭ گاللىرى ئېچىلغان قەبرىدەك سېسىقتۇر، ئۇلار تىلى بىلەن خۇشامەت قىلىۋاتىدۇ.
10ئۇلارنىڭ گۇناھىنى بېكىتكەيسەن، ئى خۇدا؛ ئۇلار ئۆز پىلانلىرى بىلەن ئۆزلىرى موللاق ئاتسۇن؛ ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىتائەتسىزلىكلىرى بىلەن ھەيدەپ چىقارغايسەن؛ چۈنكى ئۇلار ساڭا ئاسىيلىق قىلدى.
11شۇنداق قىلغاندا ساڭا تايانغانلارنىڭ ھەممىسى شادلىنىدۇ؛ ئۇلار مەڭگۈ شادلىق بىلەن تەنتەنە قىلىدۇ؛ سەن ئۇلارنى قوغدايسەن؛ سېنىڭ نامىڭنى سۆيگەنلەر سېنىڭدىن يايرايدۇ.

Read زەبۇر 5زەبۇر 5
Compare زەبۇر 5:6-11زەبۇر 5:6-11