Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 59

زەبۇر 59:3-14

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3چۈنكى مانا، ئۇلار جېنىمنى ئېلىش ئۈچۈن پايلىماقتا، زوراۋانلار ماڭا قارشى توپ بولۇشۇپ قەستلەشمەكتە؛ بۇ قىلغىنى مەندە بولغان بىرەر ئاسىيلىق ئۈچۈن ئەمەس، ياكى گۇناھىم ئۈچۈن ئەمەس، ئى پەرۋەردىگار؛
4مەندە ھېچ سەۋەنلىك بولمىسىمۇ، ئۇلار يۈگۈرۈپ ماڭا قارشى سەپ سالىدۇ؛ مېنىڭ ياردىمىمگە كېلىشكە ئويغان، ھالىمنى نەزىرىڭگە ئالغايسەن.
5ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، بارلىق ئەل‫‪‎-‎‬‬يۇرتلارنى سوتلاپ‫‪‎-‎‬‬جازالاشقا ئورنۇڭدىن تۇرغايسەن؛ قەستلەشنى نىيەت قىلغۈچىلارنىڭ ھېچقايسىسىغا رەھىم قىلمىغايسەن. سېلاھ.
6ئۇلار كېچىسى قايتىپ كېلىپ، غالجىر ئىتتەك غاژ‫‪‎-‎‬‬غۇژ قىلىپ، شەھەرنى ئايلىنىپ لاغايلاپ يۈرمەكتە.
7قارا، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئېقىۋاتقان شۆلگەيلىرىنى! لەۋلىرىدىن قىلىچلار چىقىپ تۇرىدۇ؛ ئۇلار‫‪:‬‬ «كىم ئاڭلىيالايدۇ؟» ــ دەيدۇ.
8لېكىن سەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى مەسخىرە قىلىسەن؛ بارلىق ئەللەرنى مازاق قىلىسەن!
9ئى مېنىڭ كۈچۈم بولغۇچى! مەن ساڭا تەلمۈرۈپ قاراپ يۈرىمەن؛ چۈنكى خۇدا مېنىڭ يۇقىرى پاناھگاھىمدۇر.
10ماڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى كۆرسەتكۈچى خۇدا مېنىڭ ئالدىمدا ماڭىدۇ؛ خۇدا ماڭا دۈشمەنلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
11بىراق، ئى خۇدا، بۇلارنى قەتل قىلماي تۇرغاي؛ بولمىسا مېنىڭ خەلقىم سېنى ئۇنتۇيدۇ. ئۆز كۈچۈڭ بىلەن ئۇلارنى سەرسان قىلغايسەن، ئۇلارنىڭ بېشىنى ئېغىرلاشتۇرغايسەن؛ ئى رەب، بىزنىڭ قالقىنىمىز!
12ئۇلارنىڭ ئاغزىنىڭ بۇزۇقلۇقى تۈپەيلىدىن، لەۋلىرىنىڭ سۆزلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلاردىن چىقىۋاتقان قارغاشلار ھەم ئالدامچىلىقلار تۈپەيلىدىن، ئۇلار ئۆز تەكەببۇرلۇقى ئىچىدە تۇزاققا چۈشكەي!
13غەزىپىڭ بىلەن بۇ ئىشلارغا خاتىمە بەرگەيسەن، خاتىمە بەرگەيسەن! شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يوق بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزنىنىڭ چەت‫‪‎-‎‬‬چەتلىرىگىچە خۇدانىڭ ھەقىقەتەن ياقۇپقا ھۆكۈمدارلىق قىلىدىغانلىقى ئايان بولغاي! سېلاھ.
14دەرۋەقە، ئۇلار ھازىرغىچە كېچىسى قايتىپ كېلىپ، غالجىر ئىتتەك غاژ‫‪‎-‎‬‬غۇژ قىلىپ، شەھەرنى ئايلىنىپ لاغايلاپ يۈرىدۇ.

Read زەبۇر 59زەبۇر 59
Compare زەبۇر 59:3-14زەبۇر 59:3-14