6ئۇلار قەدەملىرىمگە تور قۇردى؛ جېنىم ئېگىلىپ كەتتى؛ ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا ئورەك كولىغانىدى، لېكىن ئۆزلىرى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى.
7ئىرادەم چىڭ، ئى خۇدا، ئىرادەم چىڭ؛ مەن مەدھىيە ناخشىلارنى ئېيتىپ، بەرھەق سېنى كۈيلەيمەن!
8ئويغان، ئى روھىم! ئى نەغمە-سازلىرىم، ئويغان! مەن سەھەر قۇياشىنىمۇ ئويغىتىمەن!
9مەن خەلق-مىللەتلەر ئارىسىدا سېنى ئۇلۇغلايمەن، ئى رەب؛ ئەللەر ئارىسىدا سېنى كۈيلەيمەن!