8بوران-چاپقۇنلاردىن، قارا قۇيۇندىن قېچىپ، پاناھگاھغا ئالدىرار ئىدىم!».
9ئۇلارنى يۇتۇۋەتكەيسەن، ئى رەب؛ تىللىرىنى بۆلۈۋەتكەيسەن؛ چۈنكى شەھەر ئىچىدە زوراۋانلىق ھەم جېدەلخورلۇقنى كۆردۈم.
10ئۇلار كېچە-كۈندۈز سېپىللەر ئۈستىدە غادىيىپ يۈرمەكتە؛ شەھەر ئىچىنى قاباھەت ۋە شۇملۇق قاپلىدى.
11ھارام ئارزۇ-ھەۋەسلەر ئۇنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ، ساختىلىق ۋە ھىيلە-مىكىرلىك، كوچىلاردىن كەتمەيدۇ.
12ئەگەر دۈشمەن مېنى مەسخىرە قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا سەۋر قىلاتتىم؛ بىراق مېنى كەمسىتىپ، ئۆزىنى ماختىغان ئادەم ماڭا ئۆچمەنلەردىن ئەمەس ئىدى؛ ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم؛