4قارا، خۇدا ماڭا ياردەم قىلغۇچىدۇر؛ رەب جېنىمنى يۆلەيدىغانلار ئارىسىدىدۇر. سېلاھ.
5ئۇ دۈشمەنلىرىمنىڭ يامانلىقىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ؛ ئى خۇدا، ئۆز ھەقىقىتىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلىغايسەن.
6مەن ساڭا خالىس قۇربانلىقلار سۇنىمەن؛ نامىڭنى مەدھىيەلەيمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ شۇنداق قىلىش ئەلادۇر.
7چۈنكى ئۇ مېنى بارلىق بالا-قازالاردىن قۇتقۇزدى؛ دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆردۈم.