1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، ماخالات ئاھاڭىدا داۋۇت يازغان «ماسقىل»: ئەخمەق كىشى كۆڭلىدە: «ھېچبىر خۇدا يوق» ــ دەيدۇ. ئۇلار چىرىكلىشىپ، نەپرەتلىك قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتى؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر.
2خۇدا ئەرشتە تۇرۇپ، ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ: «بۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا، ئىنساپنى چۈشىنىدىغان بىرەرسى بارمىدۇ؟ خۇدانى ئىزدەيدىغانلار بارمىدۇ؟