6ھەققانىيلار بۇنى كۆرۈپ قورقۇشىدۇ، ۋە ئۇنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ: ــ
7«قاراڭلار، خۇدانى ئۆز يۆلەنچىسى قىلمىغان ئادەم، پەقەت ئۆز بايلىقلىرىنىڭ كۆپلۈكىگە تايانغان ئادەم؛ ئۇ ئاچ كۆزلۈكى بىلەن كۈچلەندى» ــ دەيدۇ.
8مەن بولسام خۇدانىڭ ئۆيىدە ئۆسكەن باراقسان زەيتۇن دەرەختەكمەن، مەن خۇدانىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە مەڭگۈگە تايىنىمەن.
9مەن ساڭا ئەبەدىلئەبەد تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ چۈنكى سەن بۇ ئىشلارنى قىلدىڭسەن؛ مۆمىن بەندىلىرىڭ ئالدىدا نامىڭغا تەلمۈرۈپ كۈتىمەن؛ مۇشۇنداق قىلىش ئەلادۇر.