Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 52

زەبۇر 52:1-4

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل»؛ ئېدوملۇق دوئەگ سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ‫‪:‬‬ «داۋۇت ئاخىمەلەكنىڭ ئۆيىگە كىردى» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان‫‪:‬‬ ــ ئى نوچى باتۇر، نېمە ئۈچۈن رەزىللىكىڭدىن ماختىنىسەن؟ تەڭرىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر.   
2ئۆتكۈر ئۇستىرا كەبى، تىلىڭ زەھەر چاچماقچى، ئۇ يالغانچىلىق توقۇۋاتىدۇ.
3سەن ياخشىلىقنىڭ ئورنىدا يامانلىقنى، ھەق سۆزلەشنىڭ ئورنىدا يالغانچىلىقنى ياخشى كۆرىسەن؛
4ھامان ئادەمنى نابۇت قىلىدىغان سۆزلەرنى ياخشى كۆرىسەن، ئى ئالدامچى تىل!

Read زەبۇر 52زەبۇر 52
Compare زەبۇر 52:1-4زەبۇر 52:1-4