Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 51

زەبۇر 51:3-14

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3چۈنكى مەن ئاسىيلىقلىرىمنى تونۇپ ئىقرار قىلدىم؛ گۇناھىم ھەمىشە كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ.
4سېنىڭ ئالدىڭدا، پەقەت سېنىڭ ئالدىڭدىلا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، نەزىرىڭدە رەزىل بولغان ئىشنى سادىر قىلدىم؛ شۇ ۋەجىدىن، سەن مېنى ئەيىبلەپ سۆزلىسەڭ، ئادىللىقىڭ ئىسپاتلىنىدۇ؛ مېنى سوراق قىلغىنىڭدا، ئۆزۈڭنىڭ پاكلىقى ئىسپاتلىنىدۇ.
5مانا، مەن تۇغۇلغىنىمدىلا، يامانلىقتا ئىدىم، ئانامنىڭ قارنىدا پەيدا بولغىنىمدىلا مەن گۇناھتا بولدۇم.
6بەرھەق، سەن ئادەملەرنىڭ چىن قەلبىدىن سەمىمىيلىك تەلەپ قىلىسەن؛ ئىچىمدىكى يوشۇرۇن جايلىرىمدا سەن ماڭا دانالىقنى بىلدۈرىسەن. مېنى گۇناھلىرىمدىن زوفا بىلەن تازىلىغايسەن، ھەم مەن پاك بولىمەن؛ مېنى پاكپاكىز يۇغايسەن، مەن قاردىنمۇ ئاق بولىمەن. ماڭا شاد‫‪‎-‎‬‬خۇرام ئاۋازلارنى ئاڭلاتقايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئەزگەن ئۇستىخانلىرىم يەنە شادلىنىدۇ.
7مېنى گۇناھلىرىمدىن زوفا بىلەن تازىلىغايسەن، ھەم مەن پاك بولىمەن؛ مېنى پاكپاكىز يۇغايسەن، مەن قاردىنمۇ ئاق بولىمەن.  
8ماڭا شاد‫‪‎-‎‬‬خۇرام ئاۋازلارنى ئاڭلاتقايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئەزگەن ئۇستىخانلىرىم يەنە شادلىنىدۇ.
9گۇناھلىرىمدىن چىرايىڭنى يوشۇرۇپ، يامانلىقلىرىمنى ئۆچۈرىۋەتكەيسەن.
10مەندە پاك قەلب ياراتقايسەن، ئى خۇدا؛ ۋۇجۇمدىكى سادىق روھىمنى يېڭىلىغايسەن.
11مېنى ھۇزۇرۇڭدىن چىقىرىۋەتمىگەيسەن؛ مېنىڭدىن مۇقەددەس روھىڭنى قايتۇرۇۋالمىغايسەن.
12ئاھ، نىجاتلىقىڭدىكى شادلىقنى ماڭا يېڭىباشتىن ھېس قىلدۇرغايسەن؛ ئىتائەتمەن روھ ئارقىلىق مېنى يۆلىگەيسەن.
13بۇنىڭ بىلەن مەن ئىتائەتسىزلەرگە يوللىرىڭنى ئۆگىتەي، ۋە گۇناھكارلار يېنىڭغا قايتىدۇ.
14قان تۆكۈش گۇناھىدىن مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، ئى خۇدا، ماڭا نىجاتلىق بەرگۈچى خۇدا، شۇنىڭ بىلەن تىلىم ھەققانىيلىقىڭنى ياڭرىتىپ كۈيلەيدۇ.

Read زەبۇر 51زەبۇر 51
Compare زەبۇر 51:3-14زەبۇر 51:3-14