2گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى بولغان زىئون تېغىدىن، خۇدا جۇلالىدى.
3خۇدايىمىز كېلىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ سۈكۈت ئىچىدە تۇرمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئالدىدا يەۋەتكۈچى ئوت كېلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدا زور بوران-چاپقۇن قاينايدۇ.
4ئۆز خەلقىنى سوراق قىلىش ئۈچۈن، ئۇ يۇقىرىدىن ئاسمانلارنى، يەرنىمۇ گۇۋاھلىققا چاقىرىدۇ: ــ
5«مېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمنى، يەنى مەن بىلەن قۇربانلىق ئارقىلىق ئەھدە تۈزگۈچىلەرنى ھۇزۇرۇمغا چاقىرىپ يىغىڭلار!»
6ئاسمانلار ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېلان قىلىدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆزى سوراق قىلغۇچىدۇر! سېلاھ.
7«ئاڭلاڭلار، ئى خەلقىم، مەن سۆز قىلاي؛ ئى ئىسرائىل، مەن ساڭا ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، مەنكى خۇدا، سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن.