Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 49

زەبۇر 49:9-13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
9ئىنسان مەڭگۈگە ياشاپ، گۆر‫‪‎-‎‬‬ھاڭنى كۆرمەسلىكى ئۈچۈن، ھېچكىم ئۆز بۇرادەرىنىڭ ھاياتىنى پۇل بىلەن قايتۇرۇۋالالمايدۇ؛ ۋە ياكى خۇداغا ئۇنىڭ جېنىنى قۇتۇلدۇرغۇدەك باھانى بېرەلمەيدۇ؛ (چۈنكى ئۇنىڭ جېنىنىڭ باھاسى ئىنتايىن قىممەت، ۋە بۇ باھا بويىچە بولغاندا، مەڭگۈگە قەرز تاپشۇرۇشى كېرەكتۇر)
10ھەممىگە ئايانكى، دانىشمەن ئادەملەرمۇ ئۆلىدۇ؛ ھەممە ئادەم بىلەن تەڭ، نادان ۋە ھاماقەتلەر بىللە ھالاك بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار مال‫‪‎-‎‬‬دۇنياسىنى ئۆزگىلەرگە قالدۇرۇپ كېتىدۇ.
11ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي‫‪‎-‎‬‬پىكىرلەر شۇنداقكى‫‪:‬‬ «ئۆي‫‪‎-‎‬‬ئىمارىتىمىز مەڭگۈگە، ماكان‫‪‎-‎‬‬تۇرالغۇلىرىمىز دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگىچە بولىدۇ»؛ ئۇلار ئۆز يەرلىرىگە ئىسىملىرىنى نام قىلىپ قويىدۇ.
12بىراق ئىنسان ئۆزىنىڭ نام‫‪‎-‎‬‬ئىززىتىدە تۇرىۋەرمەيدۇ، ئۇ ھالاك بولغان ھايۋانلاردەك كېتىدۇ.
13ئۇلارنىڭ مۇشۇ يولى دەل ئۇلارنىڭ نادانلىقىدۇر؛ لېكىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن دۇنياغا كەلگەنلەر، يەنىلا ئۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. سېلاھ.

Read زەبۇر 49زەبۇر 49
Compare زەبۇر 49:9-13زەبۇر 49:9-13