10ھەممىگە ئايانكى، دانىشمەن ئادەملەرمۇ ئۆلىدۇ؛ ھەممە ئادەم بىلەن تەڭ، نادان ۋە ھاماقەتلەر بىللە ھالاك بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار مال-دۇنياسىنى ئۆزگىلەرگە قالدۇرۇپ كېتىدۇ.
11ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرلەر شۇنداقكى: «ئۆي-ئىمارىتىمىز مەڭگۈگە، ماكان-تۇرالغۇلىرىمىز دەۋردىن-دەۋرگىچە بولىدۇ»؛ ئۇلار ئۆز يەرلىرىگە ئىسىملىرىنى نام قىلىپ قويىدۇ.