7ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىللە؛ ياقۇپنىڭ خۇداسى ئېگىز قورغىنىمىزدۇر! سېلاھ!
8كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىنى كۆرۈڭلار! ئۇ يەر يۈزىدە قىلغان كارامەت ۋەيرانچىلىقلارنى كۆرۈڭلار!
9ئۇ، جاھاننىڭ ئۇ چېتىگىچە بولغان ئۇرۇشلارنى توختىتىدۇ؛ ئۇ ئوقيالارنى سۇندۇرىدۇ، نەيزىلەرنى ئوشتۇۋېتىدۇ، جەڭ ھارۋىلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرىۋېتىدۇ.
10ئۇ: «توختاش، مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قويۇش! مەن پۈتكۈل ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىمەن؛ مەن يەر يۈزىدە “بۈيۈك” دەپ قارىلىمەن» ــ دەيدۇ.