1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇرۇلغان، «سۆيۈملۈك يار ئۈچۈن» دېگەن «ماسقىل» مۇناجات-ناخشا: قەلبىمدىن گۈزەل ئىش توغرىسىدا سۆزلەر ئۇرغۇپ چىقماقتا؛ پادىشاھقا بېغىشلىغان مۇناجىتىمنى ئېيتىمەن؛ تىلىم گويا ماھىر شائىرنىڭ قەلىمىدۇر؛
2ئىنسان بالىلىرى ئىچىدە سەن ئەڭ گۈزەلدۇرسەن؛ لەۋلىرىڭ شاپائەت بىلەن تولدۇرۇلغاندۇر؛ شۇڭا خۇدا ساڭا مەڭگۈگە رەھمەت قىلدى.
3ئى بۈيۈك بولغۇچى، قىلىچىڭنى ئاسقىن يېنىڭغا، ھەيۋىتىڭ ۋە شانۇ-شەۋكىتىڭ بىلەن!
4ھەقىقەت، كەمتەرلىك ھەم ئادالەتنى ئالغا سۈرۈشكە ئاتلانغىنىڭدا، شانۇ-شەۋكەت ئىچىدە غەلىبە بىلەن ئالغا باس! شۇنىڭ بىلەن ئوڭ قولۇڭ ئۆزۈڭگە كارامەت قورقۇنچلۇق ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ!
5سېنىڭ ئوقلىرىڭ ئۆتكۈردۇر، ئۇلار پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىدۇ؛ پۈتۈن ئەللەر ئايىغىڭغا يىقىتىلىدۇ.
6سېنىڭ تەختىڭ، ئى خۇدا، ئەبەدىلئەبەدلىكتۇر؛ پادىشاھلىقىڭدىكى شاھانە ھاساڭ، ئادالەتنىڭ ھاسىسىدۇر.