Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 40

زەبۇر 40:2-11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2ئۇ مېنى ھالاكەت ئورىكىدىن، شۇنداقلا پاتقاق لايدىن تارتىۋالدى، پۇتلىرىمنى ئۇيۇلتاش ئۈستىگە تۇرغۇزۇپ، قەدەملىرىمنى مۇستەھكەم قىلدى.
3ئۇ ئاغزىمغا يېڭى ناخشا‫‪‎-‎‬‬مۇناجاتنى، يەنى خۇدايىمىزنى مەدھىيىلەشلەرنى سالدى؛ نۇرغۇن خەلق بۇنى كۆرۈپ، قورقىدۇ، ھەم پەرۋەردىگارغا تايىنىدۇ.
4تەكەببۇرلاردىن ياردەم ئىزدىمەيدىغان، يالغانچىلىققا ئېزىپ كەتمەيدىغان، بەلكى پەرۋەردىگارنى ئۆز تايانچىسى قىلغان كىشى بەختلىكتۇر!
5ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، سېنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان كارامەتلىرىڭ ۋە ئوي‫‪‎-‎‬‬نىيەتلىرىڭنى بارغانسېرى كۆپەيتىپ، سان‫‪‎-‎‬‬ساناقسىز قىلغانسەن، كىممۇ ئۇلارنى بىر‫‪‎-‎‬‬بىرلەپ ھېسابلاپ ئۆزۈڭگە رەھمەت قايتۇرۇپ بولالىسۇن! ئۇلارنى سۆزلەپ باشتىن‫‪‎-‎‬‬ئاخىر بايان قىلاي دېسەم، ئۇلارنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس.
6نە قۇربانلىق، نە ئاش ھەدىيەلەر سېنىڭ تەلەپ‫‪‎-‎‬‬ئارزۇيۇڭ ئەمەس، بىراق سەن ماڭا سەزگۈر قۇلاقلارنى ئاتا قىلدىڭ؛ نە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، نە گۇناھ قۇربانلىقىنى تەلەپ قىلمىدىڭ؛  
7شۇڭا جاۋاب بەردىمكى ــ «مانا مەن كەلدىم!» ــ دېدىم. ئورام يازما دەستۇردا مەن توغرۇلۇق پۈتۈلگەن‫‪:‬‬ ــ
8«خۇدايىم، سېنىڭ كۆڭلۈڭدىكى ئىرادەڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر؛ سېنىڭ تەۋرات قانۇنۇڭ قەلبىمگە پۈتۈكلۈكتۇر».
9بۈيۈك جامائەت ئارىسىدا تۇرۇپ مەن ھەققانىيلىقنى جاكارلىدىم؛ مانا بۇلارنى ئۆزۈمدە قىلچە ئېلىپ قالغۇم يوقتۇر، ئى پەرۋەردىگار، ئۆزۈڭ بىلىسەن.
10ھەققانىيلىقىڭنى قەلبىمدە يوشۇرۇپ يۈرمىدىم؛ ۋاپادارلىقىڭنى ۋە نىجاتلىقىڭنى جاكارلىدىم؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭنى بۈيۈك جامائەتكە ھېچ يوشۇرماستىن بايان قىلدىم.
11ئى پەرۋەردىگار، مېھرىبانلىقلىرىڭنى مەندىن ئايىمىغايسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭ ھەردائىم مېنى ساقلىغاي!

Read زەبۇر 40زەبۇر 40
Compare زەبۇر 40:2-11زەبۇر 40:2-11