3بىراق سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەتراپىمدىكى قالقاندۇرسەن؛ شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن!
4ئاۋازىم بىلەن مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن، ئۇ مۇقەددەس تېغىدىن ئىجابەت بېرىدۇ. سېلاھ.
5مەن بولسام ياتتىم، ئۇخلىدىم؛ ئويغاندىم، چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا يار-يۆلەك بولىدۇ.
6مېنى قورشاپ سەپ تۈزگەن تۈمەنلىگەن ئادەملەر بولسىمۇ، مەن ئۇلاردىن قورقمايمەن!