Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 39

زەبۇر 39:4-13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
4ئى پەرۋەردىگار، ئۆز ئەجىلىمنى، كۈنلىرىمنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ماڭا ئايان قىلغىن؛ ئاجىز ئىنسان بالىسى ئىكەنلىكىمنى ماڭا بىلدۈرگىن.
5مانا، سەن كۈنلىرىمنى پەقەت نەچچە غېرىچلا قىلدىڭ، سېنىڭ ئالدىڭدا ئۆمرۈم يوق ھېسابىدىدۇر. بەرھەق، بارلىق ئىنسانلار تىك تۇرسىمۇ، پەقەت بىر تىنىقلا، خالاس. سېلاھ.
6بەرھەق، ھەربىر ئىنساننىڭ ھاياتى خۇددى بىر كۆلەڭگىدۇر، ئۇلارنىڭ ئالدىراپ‫‪‎-‎‬‬سالدىراشلىرى بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتۇر؛ ئۇلار بايلىقلارنى توپلايدۇ، لېكىن كېيىن بۇ بايلىقلارنى كىمنىڭ قولىغا جۇغلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
7ئى رەب، ئەمدى مەن نېمىنى كۈتىمەن؟ مېنىڭ ئۈمىدىم ساڭىلا باغلىقتۇر.
8مېنى بارلىق ئاسىيلىقلىرىمدىن قۇتقۇزغايسەن، مېنى ھاماقەتلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدۇرمىغايسەن.
9سۈكۈت قىلىپ زۇۋان سۈرمىدىم؛ چۈنكى مانا، مۇشۇ جازانى ئۆزۈڭ يۈرگۈزگەنسەن.
10مېنى سالغان ۋابايىڭنى مەندىن نېرى قىلغايسەن؛ چۈنكى قولۇڭنىڭ زەربىسى بىلەن تۈگىشەي دەپ قالدىم.
11سەن تەنبىھلىرىڭ بىلەن كىشىنى ئۆز يامانلىقى ئۈچۈن تەربىيىلىگىنىڭدە، سەن خۇددى نەرسىلەرگە كۈيە قۇرتى چۈشكەندەك، ئۇنىڭ ئىززەت‫‪‎-‎‬‬غۇرۇرىنى يوق قىلىۋېتىسەن؛ بەرھەق، ھەربىر ئادەم بىر تىنىقلا، خالاس. سېلاھ.
12ئى پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن، پەريادىمغا قۇلاق سالغايسەن! كۆز ياشلىرىمغا سۈكۈت قىلمىغايسەن! چۈنكى مەن پۈتكۈل ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمدەك، سېنىڭ ئالدىڭدا ياقا يۇرتلۇق، مۇساپىرمەن، خالاس!
13ماڭا تىككەن كۆزۈڭنى مەندىن نېرى قىلغايسەنكى، مەن بارسا كەلمەس جايغا كەتكۈچە، مېنى بىرئاز بولسىمۇ راھەتتىن بەھرىمەن قىلغايسەن.

Read زەبۇر 39زەبۇر 39
Compare زەبۇر 39:4-13زەبۇر 39:4-13